UyghurMain Dictionary
ھەسەن بىننى سەبباھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارمىقى ھەششاشۇنچىلارنىڭ قۇرغۇچىسى. قۇمدا دۇنياغا كەلگەن. 17 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان. 1071 - يىلىدىن 1072 - يىلىغىچە ئىسمائىلىيەنىڭ دائىسى ئىبنى ئاتتاشنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن پرسىيىدىن مىسىردىكى فاتىمىيە سۇلالىسىغا دىننى تەبلىغ ئۈچۈن باردى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش كۈرىشىدە ھەسەن بىننى سابباھ چوڭ ئوغۇل نىزارى قوللىغان. لېكىن، يەنە بىر شاھزادە مۇستەلى (1094 - يىلىدىن 1101 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سۇلالە ۋەزىرى ئەفدال (1660 - 1121) نىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، نىزارنى قاماپ قويغان. ھەسەن بىننى سەبباھ سۈرىيىگە بارغاندىن كېيىنمۇ نىزانى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن نىزارىيەچى دەپ ئاتالغان (ھەششاشۇنچىلارغا قاراڭ). 1090 - يىلىدىن 1901 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئالامۇت (ھازىرقى ئىران چېگرىسى ئىچىدە) تېغىدىكى قەلئەنى ئىشغال قىلىپ، ھەششاشۇنچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزغۇچى دەپ ھۆرمەتلەندى. پارسچە كۆپ خىل ئەسەرلەرنى يازدى.