UyghurMain Dictionary
ھەرىكەت خاتىرىسى
پسىخولوگىيە
بۇ ئىلگىرى قىلغان ھەرىكەت ئوبرازىنى مەزمۇن قىلغان خاتىرىدىن ئىبارەت. ئۇ نۇتۇق، ئەمگەك، ھەرىكەت، ساز، ئۇسسۇل قاتارلىقلاردىكى ماھىرلىقنىڭ شەكىللىنىش ئاساسى. مەسىلەن، ئىشچى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ھەرىكەتنىڭ ئۇسۇلى، تېزلىكى، كۆلىمى. تەرتىپى، رېتىمى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ياخشى ئەستە ساقلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ماھىرلىق شەكىللىنىدۇ. لېكىن بۇنى ئوبراز خاتىرىسىدىكى ھەرىكەت تەسەۋۋۇرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەرىكەت خاتىرىسىنى ئەستە قالدۇرۇش تەس، لېكىن ئۇنى ئىگىلەپ ئالغاندىن كېيىن ئوڭاي ئەستىن چىقمايدۇ، ھەم ئوڭاي ئەسكە كېلىدۇ.