UyghurMain Dictionary
ھەرىكەتنىڭ كۈچى
پسىخولوگىيە
بۇ «ھەرىكەت توغرىلىقى» قۇرۇلمىسىنىڭ بىر تەرىپى. ئۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان پۇت - قولىمىز قارشىلىققا ئۇچرىغاندا ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلىيەلمەي كۈچتىن ئىبارەت. ھەرىكەت تايانغان كۈچنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، كۈچلۈك ھەرىكەت بىلەن كۈچسىز ھەرىكەتكە بۆلىنىدۇ. كۈچلۈك ھەرىكەت دېگەندە، يېتەرلىك دەرىجىدە تەكشى ئارتتۇرۇلغان كۈچ ۋە تېزلىك، ھەمدە بىر قەدەر چوڭ قارشىلىقنى يېڭەلىگەن ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كۈچسىز ھەرىكەت دېگەندە، كۈچى يېتەرلىك بولمىغان، تېزلىكىمۇ ناھايىتى كىچىك ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت دائىم دېگۈدەك ناتوغرا بولىدۇ.