UyghurMain Dictionary
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ قېلىپلىشىشى
پسىخولوگىيە
بۇ «دىنامىك ستېرېئوتىپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرتلىك رېفلېكسنىڭ زەنجىرسىمان سىستېمىسى بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلىقى فۇنكسىيىسىنىڭ سىستېمىلىق پائالىيىتى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا ئەگەر ئورگانىزم مەلۇم پائالىيەت بىلەن بىر قەدەر مۇقىم شۇغۇللانسا، ئۇنىڭ ئۇچراشقان ئوبيېكتىپ غىدىقلىغۇچىسى ئادەتتە ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ رەتلىك قېلىپلىشىدۇ. ئورگانىزمنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ فۇنكسىيىسى سىستېمىلىق پائالىيەت بولغانلىقتىن، مەلۇم شارائىتتىكى تۇرمۇش ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەن تەسىر رەتلىنىپ، قانۇنىيەتلىك ماسلاشقان بىر مۇقىم (بەر قارار) شەرتلىك رېفلېكس زەنجىر سىستېمىسىغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ قېلىپلىشىشى بولىدۇ. يەنى، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مۇئەييەن تەسىر سىستېمىسىغا قارىتا شەكىللەنگەن ئىنكاس سىستېمىسى بولىدۇ. بۇنى قېلىپلاشقان ھەرىكەت دىيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇنداق قېلىپلاشقان ھەرىكەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئورگانىزم قېلىپلاشقان ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەسىرگە ئۇچرىسا، شەرتلىك رېفلېكس زەنجىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا بارلىققا كېلىدۇ، غۇنىڭ ئۈچۈن قېلىپلاشقان ھەرىكەت يەنە ئاپتوماتلاشقان شەرتلىك رېفلېكس سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشچى بىر ئىشنى قىلىشتا پەقەت بىر ھەرىكەتنى قىلسا، بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارقىمۇ ئارقا ئاپتوماتىك سۈرەتتە ماس ھالدا ئورۇنلىنىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ - قۇۋەت قېلىپى شەكىللەنگەندىن كېيىن ۋاقىتمۇ، كۈچمۇ تېجىلىدۇ. ئورگانىزمنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ. پوستلاق نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيىسىمۇ ئازىيىدۇ. ئاز كۈچ بىلەن چوڭ ئىشلار ئورۇندىلىپ خىزمەت ئۈنۈمى يۈكسىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېتىلگەن ئادەت، ماھارەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قېلىپىنىڭ بەرپا بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ قېلىپلاشقان ھەرىكەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ خېلى مۇقىملىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئورگانىزم تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ھەمدە يېڭى شارائىتتا ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىدۇ.