UyghurMain Dictionary
ھەربىي رايون تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
ھەربىي رايون يۇنانچە Theme (ئاھاڭ تەرجىمىسى سېم) بولغاچقا <سېم تۈزۈمى> دەپمۇ ئاتالغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي تۈزۈمى. مىلادى Ⅵ ئەسىردە، ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىتالىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ھەربىي رايون قۇرۇپ، ئۇنى ئەسلىدىكى مەمۇرىي رايوننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەربىي باشلىقلار شۇ رايوننىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى تۇتقان. مىلادى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە، ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىل ھەربىي رايونلار ئۇمۇميۈزلۈك قۇرۇلغان. Ⅹ ئەسىردە ھەربىي رايون تۈزۈمى تازا ئەۋج ئالغان. ھەربىي رايوندىكى قىسىملار ئاساسەن شۇ يەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. ئەسكەرلەر ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغان ئەركىن دېھقانلاردىن تەشكىل تاپقان، ئۈلۈشلۈك يېرىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولغان. ئۇلار ئەسكەر بولۇشتىن باشقا يەنە دۆلەتكە يەر بېجى تاپشۇرغان. ھەربىي رايون تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ھەربىي ئىشلار بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار ھالىتىنى بىر مەزگىل ياخشىلىغان. بىراق Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دېھقان ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ۋەيران بولۇشى ۋە يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن ھەربىي رايون تۈزۈمى پەيدىنپەي تاشلىنىپ قېلىپ، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان.