UyghurMain Dictionary
ھەيدىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر تەرەپكە، بىرەر جايغا قاراپ مېڭىشقا قىستىماق، بېرىشقا مەجبۇر قىلماق؛ قوغلىماق.
ئىشقا ھەيدىمەك. تاغقا ھەيدىمەك.
ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرماق (ئوي - پىكىر، خىيال، ھېس - تۇيغۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
لېكىن مۇنۇ زەي ئۇنىڭ شېرىن خىيالىنىمۇ، كۆزى يېتىپ تۇرغان پلانلىرىنىمۇ نېرى ھەيدىۋەتتى.
ماتورلۇق ياكى ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇپ ماڭدۇرماق.
قېيىق ھەيدىمەك. تراكتور ھەيدىمەك.
بوشاتماق، ئېلىپ تاشلىماق (ئىش، خىزمەت قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئىشتىن ھەيدىمەك.
مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن يۇمشاق ئاغدۇرماق، تېرىماق:(دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ھەققىدە).
تولۇق ھەيدىمەك.
يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە (ماقال).