UyghurMain Dictionary
ھەيدەرخان
دۇنيا تارىخى
(- 1921) ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (ئىران خەلق پارتىيىسىنىڭ تەكتى) قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىردىن بىرى. ئىلگىرى بكو نېفىتلىكىدە ۋە تېھران ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلىگەن. 1905 - 1911 - يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى ۋە تەبرىز قوزغىلىڭىغا (1908 - 1909) قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1916 - يىلى روسىيىدە ئىران ئادالەت پارتىيىسىنى قۇرغان. 1920 - يىلى ئادالەت پارتىيىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1920 - 1921 - يىللىرى ئىراننىڭ شىمالىدىكى گىلان رايونىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1921 - يىلى 9 - ئايدا كۈچىك خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.