Chinese→UyghurMain Dictionary
韩日协约
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن - ياپونىيە شەرتنامىسى
ياپونىيە چاۋشيەننى مەجبورىي ئىمزالاتقان شەرتنامە. جەمئىي 3 قېتىم تۈزۈلگەن. (1)1904 -يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەن ھۆكۈمىتى چوقۇم بىر نەپەر ياپونىيەلىك مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىشى، مالىيەگە ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا، ئالدى بىلەن ياپونىيىلىك مەسلىھەتچى بىلەن كېڭىشىشى لازىم. يەنە ياپونىيە كۆرسەتكەن باشقا بىر نەپەر چەت ئەللىك مەسلىھەتچىنى تەكلىپ قىلىپ، دىپلوماتىيىگە ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا، ئالدى بىلەن ئاشۇ چەت ئەللىك مەسلىھەتچى بىلەن مۇزاكىرىلىشىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) <مۇھاپىزەت قىلىش شەرتنامىسى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1905 - يىل 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەننىڭ بارلىق دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېجىرىلىدىغانلىقى؛ چاۋشيەننىڭ ياپونىيە ۋەكىلىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقى؛ بۇنىڭغا ئاساسەن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىئولدا باش نازارەتچى مەھكىمىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى؛ ھەرقايسى سودا پورتلىرىدا كونسۇل ھوقۇقىنى ۋەكالىتەن يۈرگۈزىدىغان ئىش بىجىرگۈچىلەرنى قويىدىغانلىقى؛ ھەرقايسى ئەللەر دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چاۋشيەندىن چىقىپ كىتىدىغانلىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن. چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان.(3) <يەتتە ماددىلىق شەرتنامە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1907 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا چاۋشيەننىڭ بارلىق ئىچكى ئىشلىرىنىڭ ياپونىيىلىك باش نازارەتچىنىڭ ئىلكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. چاۋشيەن ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.