Chinese→UyghurMain Dictionary
韩日合并条约
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنى قوشۇۋېتىش شەرتنامىسى
ياپونىيە چاۋشيەننى رەسمىي يۇتۇۋالغان شەرتنامە. 1910 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياپونىيە چاۋشيەننىڭ لى ۋەنيوڭ ئىچكى كابىنېتى بىلەن ئىمزالىغان. 8 ماددىلىق بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: چاۋشيەن پۈتكۈل ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيەگە مەڭگۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ: چاۋشيەننىڭ خان جەمەتى <ھۆرمەت قىلىنىدۇ>؛ ياپونىيە باش نازارەتچى مەھكىمىسى باش ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، باش ۋالىي ياپونىيەنىڭ تېننوسىغا بىۋاستە قارايدۇ ھەمدە چاۋشيەننىڭ قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە چاۋشيەندە قەبىھ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1945 - يىلى 9 - ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.