UyghurMain Dictionary
ھانوتۇ
دۇنيا تارىخى
(-1853 - 1944) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1879-يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئارخىپ خىزمىتىنى باشقۇرغان. 1885-يىلى كونستانتىنوپولدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئىككى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغا ( 1894 - 1895، 1896 - 1898). بۇ مەزگىلدە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ۋە ئافرىقىغا مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماداغاسقارنى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە 1896-يىلدىكى <فرانسىيە - ئىتلاىيە شەرتنامىسى> ئارقىلىق تۇنىسنى ئەمەلىي كونترول قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيىنىڭ خەلقئارا ئىتىتپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان (1920 - 1923). 1897-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئاساسەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاقىلىغان. <Ⅹ Ⅵ ⅩⅦ ئەسىرگىچە بولغان فرانسىيە تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات>، <ماداغاسقار ۋەقەسى>، <فاشودا>، <زامانىمىزدىكى فرانسىيە>، <فرانسىيە مىللىي تارىخى>، <ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى>، <رىشېلېنىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلى ئەسەرلىرى بار.