UyghurMain Dictionary
ھانزېمان
دۇنيا تارىخى
(1790 - 1864) پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1848). ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - 40-يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئەركىن بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، <رېين گېزىتى> نى نەشر قىلىشقا قاتناقشان. 1847-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇننى ۋە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848-يىلى، گېرمانىيە مارت ئىنقىلابىدىن كېيىن كامپاۋزېن ئىچكى كابىنېتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، بارلىق چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سىياسەت بەلگىلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تەشكىللەنگەن ئوستۋالد ھانزېمان ئىچكى كابىنېتىدا يەنىلا مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ قېتىملىق ئىچكى كابىنېتنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىسى بولغان. ئۇ خان جەمەتى بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە تىرىشىپ، ئىنقىلاب تەرەققىياتىغا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان، ساقچى ئاپپاراتلىرىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى ھەدەپ باستۇرغان. مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا يۇنكېر پومېشچىكلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 9-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ساھەدىن قول ئۈزۈپ، مەخسۇس پۇل مۇئامىلە ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە 1851-يىلى بېرلىن دىسكونت بانكىسىنى قۇرغان.