UyghurMain Dictionary
ھامسۇم
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1952) ئەسلى ئىسمى كنۇت پېدېرىسون. نورۋېگىيىلىك يازغۇچى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نورۋېگىيىنىڭ ئەڭ شىمالىي رايونىدا ياشىغان، كېيىن جايلاردا سەرگەردان بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1882 - 1884- ۋە 1886 - 1888-يىللىرى ئىككى قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ كانچى ۋە شوپۇر بولغان. 1890-يىلى ئېلان قىلغان <ئاچلىق> رومانى بىلەن نام قازانغان. 1917-يىلى <دۇنيا نېمىتى> رومانىنى يېزىپ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇشنى تەسۋىرلىگەن. 1920-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ناتسىستلار بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن جازالانغان. 1949-يىلى ئەڭ ئاخىرقى رومانى <ئوت - چۆپ قاپلىغان چىغىر يولدا> نى يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئاقلىغان.