UyghurMain Dictionary
ھامان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە ۋاقىت.
دائىم پەخەس بول، ھەر ۋاقىت بوشاشما. دىلىڭ ھېچ بولمىسۇن غەمكىن، غەش، خىرە، گۇناھتىن پاك تۇرسۇن ھەمىشە.ياتقان نەرسە ئورنىدا، ھەر قاچان ئۆز قولۇڭدا. قول ھەر ۋاقىت گۇناھكار. بىلىمنىڭ ئاسمانغا يەتكەن بولسا ھەم، باشقىلار ئىلمىگە قۇلاق سال ھەردەم. پاتقاقتىن خارراقتۇر جاھاندا نادن، بىرەر ياخشىلىقتىن خالىيدۇر ھامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
داۋاملىق، توختىماي، دائىم، ھازىرغىچە، ھېلىھەم.
لېكىن ئۇ ماڭ پۇرسەت بەرمەي، ھامان قىستاپ كېلىۋەردى.
بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسە يۈز بەرگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئاشۇ زامان، شۇ ئاندا.
ئىسكىرىپكا چاي ئۈستىلىگە قويۇلۇشى ھامان قەدىردىن ئۇنى ئېلىپلا باغرىغا باستى.
ھەرقانە قىلغان بىلەن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا، چوقۇم، بەرىبىر.
ھايات ھامان مۇھەببەتكە مۇھتاج، مۇھەببەت مېھىر - شەپقەتكە.