UyghurMain Dictionary
ھامىلە دەۋرى
پسىخولوگىيە
بۇ بوۋاقنىڭ ئانا ئىچىدىكى مەزگىلى. بۇ مەزگىل تەخمىنەن 10 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ئۆسۈپ، ئادەمنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتىگە ئىگە مۇكەممەل ھامىلىگە ئايلىنىدۇ. دېمەك ھامىلە دەۋرى بالا ئىندىۋىدىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىش مەزگىلىدۇر. پۈتۈن ھامىلە دەۋرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: (1) تۇخۇم دەۋرى: ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئىككى ھەپتە. بۇ چاغدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئانا تېنىگە يېپىشمىغان بولىدۇ. چۇغى (ھەجمى) زورايماستىن پەقەت ئىچكى قۇرۇلمىسىدىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۈجەيرە قاتلاملارغا ئايرىلىدۇ (دىففېرېنسىيىلىنىدۇ). (2) تۆرەلمە دەۋرى. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن 8 - ياكى 10 - ھەپتىگىچە بولغان مەزگىل. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئانا تېنىگە يېپىشىپ، ئانا تېنىدىن ئوزۇقلىنىپ، تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ھامىلىنىڭ چۇغى ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆسىدۇ. تېنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئۈزلۈكسىز دىففېرېنسىيىلىنىدۇ ۋە تۆرەلمىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە تەخمىنەن % 95 دىففېرېنسىيىلىنىپ بولىدۇ. (3) ھامىلە دەۋرى: بۇ تۇغۇلۇشقىچە بولغان 30 ھەپتە ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى چۇغىنىڭ (ھەجمىنىڭ) زورىيىشى بولىدۇ.