UyghurMain Dictionary
ھامباخ قۇرۇلتىيى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چاقىرغان ئاممىۋى قۇرۇلتىيى. 1832-يىل 5-ئاينىڭ 27 - 30-كۈنلىرى بۇرژۇئا دېموكراتچىسى، سىياسىي ئوبزورچى ۋىرت (1798 - 1848) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن باۋارىيە رايونىدىكى نىيوتاشىتادەت يېنىدىكى ھامباخ قورغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرۇلتاي <گېرمانىيىنى قايتا گۈللەندۈرۈش> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، فېئودال ئىستېبداتلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە گېرمانىيە، فرانسىيە، پولشا، ۋېنگرىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ، <مۇقەددەس ئىتتىپاق> قا قارشى تۇرۇشىنى تەكلىپ قىلغان. قۇرۇلتايدىن كېيىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سىياسىي نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن گېرمانىيە ئىتتىپاق پارلامېنتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.