UyghurMain Dictionary
ھاللېي
دۇنيا تارىخى
(1656 - 1742) ئەنگلىيىلىك ئاسترونوم. گېرېنۋىچ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1682-يىلى بىر دانە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقىغان ھەمدە ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بۇ يۇلتۇزنىڭ 1531-يىلى ۋە 1607-يىلى كىشىلەر كۆرگەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن ھەمدە ئۇنىڭ 1759-يىلى يەنە كۆرۈنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، بۇ يۇلتۇزنىڭ ھەر 76 يىلدا قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىغنالىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز كېيىن ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دەپ ئاتالغان. تۇرغۇن يۇلتۇزىنىڭ ئايلىنىش يولى ۋە ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېزلىنىش ھادىسىسىنى بايقاپ چىققان ھەمدە تۇنجى جەنۇبىي ئاسمان يۇلتۇزلىرى جەدۋىلىنى سىزىپ چىققان.