UyghurMain Dictionary
ھال ئېيتماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) بىر كىم بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەپ بەرمەك؛ دەرد تۆكمەك: دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگۈسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما، بىلگۈسى كېلىدۇ. (2) ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇنغا بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەرز ئېيتماق؛ ئەھۋال ئىنكاس قىلماق: مەن ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. بىرەيلەن يىغلاپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇنغا بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەرز ئېيتماق.
مەن ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ماڭا تونۇش پىكاپ غۇيۇلداپ كېلىپ <ۋىش> قىلىپ توختىدى.
بىر كىم بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەپ بەرمەك؛ دەرد تۆكمەك.
دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگىسى كېلىدۇ. دوستۇڭدىن سىر ئايىما، بىلگۈسى كېلىدۇ(ماقال).