UyghurMain Dictionary
ھالەت ئۆزگىرىش
بىئولوگىيە
(1) ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىدىن كېيىنكى يېتىلىشى جەريانىدا شەكىل، تۈزۈلۈش، فىزىئولوگىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتىدە كۆرۈلىدىغان بىر قاتار روشەن ئۆزگىرىشلەرنى يەنە گۆدەك تەن ياكى لىچىنكىدىن يېتىلگەن قۇرتقىچە بولغان ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ھاشاراتلاردىكى ھالەت ئۆزگىرىشى تولۇق ھالەت ئۆزگىرىشى ۋە تولۇق بولمىغان ھالەت ئۆزگىرىشى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. تولۇق ھالەت ئۆزگىرىشتە، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، لىچىنكا، قورچاق يەنىمۇ يېتىلىپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن قۇرت شەكىللىنىش ئۇسۇلى ۋە ياشاش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك بولمايلا قالماي، بەلكى يەنە يېتىلىش جەريانىدا ئۇزۇقلانمايدىغان ۋە ھەرىكەت قىلمايدىغان قورچاقلىق مەزگىلىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، تەن ئىچىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغاندىن كېيىن، ئاندىن تۈك چىقىرىپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. تولۇق بولمىغان ھالەت ئۆزگىرىشىدە، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن پەقەت لىچىنكىلىق باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپلا يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. تولۇق بولمىغان ھالەت ئۆزگىرىشى يەنە تەدرىجىي ھالەت ئۆزگىرىشى ۋە يېرىم ھالەت ئۆزگىرىشى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. تەدرىجىي ھالەت ئۆزگىرىشىدە لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ شەكلى نىسبەتەن ئوخشىشىدۇ، ياشاش مۇھىتى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولىدۇ، پەقەت چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، جىنىسىي ئورگىنى يېتىلمىگەن، قانىتى بىخ ھالەتتە ساقلانغان بولىدۇ. بۇ خىل لىچىنكا ئارا لىچىنكا دەپ ئاتىلىدۇ. يېرىم ھالەت ئۆزگىرىشتە لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ شەكلىدەپەرق بولىدۇ، لىچىنكىدا ۋاقىتلىق ئورگانلار بولىدۇ (مەسىلەن، توغرا ئۈچەي يېرىقى ياكى كاناي يېرىقى)، ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ (لىچىنكا سۇدا، يېتىلگەن قۇرت قۇرۇقلۇقتا ياشايدۇ)، بۇ خىل لىچىنكا بالا قۇرت دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ھايۋانلاردا يەنە گۆدەك تەن مەزگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، قوش ماكانلىق ھايۋانلار يېتىلىش جەريانىدا قۇمچاقلىق مەزگىلىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. (2) ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز، غۇل ۋە يوپۇرماق قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسىدىكى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشتىكى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تاتلىق ياڭيۇ يىلتىزىنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزغا ئۆزگىرىشى، ياڭيۇنىڭ يەر ئاستى غولىنىڭ تۈگۈنەك غولغا ئۆزگىرىشى، كاكتوس يوپۇرمىقىنىڭ تىكەنگە ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار.