UyghurMain Dictionary
ھالال
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
<دىن> شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، يېگىلى، ئىچكىلى، پايدىلانغىلى بولىدىغان؛ ھارام ئەمەس.
ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال (ماقال).
كۆچمە. بىراۋنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان، ئۆز ئەمگىكى، ئۆز تەرى بىلەن جۇغلىغان.
ھالال مال. ھالال پۇل.
كۆچمە. قىڭغىر يولدا ماڭمايدىغان، باشقىلارنى ئالدىمايدىغان؛ پاك، ساپ دىل، توغرا.
ئىنسابلىق، ھالال ئادەملەر ئۆز ئائىلە چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدۇ.
ھالال ئىشلىمەك، ھالال ياشىماق.
كۆچمە. ھەق، توغرا، مۇۋاپىق، تېگىشلىك، جايىدا.
ئۇ لۈكچەككە مۇشت ھالال تەگدى.
نىكاھلاپ ئېلىنغان، قانۇنىي (خوتۇن ھەققىدە).
سايىم بۇ ھالال جۈپتى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.