UyghurMain Dictionary
ھايۋانات پسىخولوگىيىسى
پسىخولوگىيە
(سېلىشتۇرما پسىخولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ ھايۋاننىڭ پسىخىك پا.الىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پسىخولوگىيە. بۇ پەن سېلىشتۇرما ئۇسۇل ئارقىلىق، تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ پسىخىك پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھايۋانلار پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىيات قانۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسانلار ئېڭى تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي ئالدىنقى شەرتىنى يورۇتۇشقا دىققەت قىلىدۇ.