UyghurMain Dictionary
ھايۋانات فىزىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ھايۋانات تېنى ھەمدە ئۇنى تۈزگۈچى ھۈجەيرە، ئورگان ۋە سىستېمىلاردا ئىپادىلەنگەن ھاياتلىق ھادىسىلەر ياكى فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش پرىنسىپى ۋە شارائىتىنى ھەمدە ئورگانىزمنىڭ ئىچكى تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ئىنكاسىنى شەرھلەيدىغان پەن. ئۇ باشقا پەنلەر بىلەن كەڭ دائىرىلىك زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە، شۇنداقلا مېدىتسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە نىسبەتەن كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇ نۇرغۇن تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ھايۋانلار تېنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلىرىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى ئومۇمىي فىزىئولوگىيە، ھەر خىل ھايۋانلار ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان تارمىقى سېلىشتۇرما فىزىئولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھايۋانلارنى تۈركۈم بويىچە بۆلگەندە؛ ھاشاراتلار فىزىئولوگىيىسى، بېلىقلار فىزىئولوگىيىسى، ئۆي ھايۋانلىرى فىزىئولوگىيىسى ۋە ئادەم تېنى فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ ھايۋانلارنىڭ ئورگان سىستېمىلىرى بويىچە بۆلگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى فىزىئولوگىيىسى، كۆپىيىش سىستېمىسى فىزىئولوگىيىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى فىزىئولوگىيىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ تەتقىق قىلىش سەۋىيىسى بويىچە بۆلگەندە، ئورگان فىزىئولوگىيىسى، ھۈجەيرە فىزىئولوگىيىسى ۋە مولېكۇلا فىزىئولوگىيىسى قاتالىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلار پائالىيەت دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە پائالىيىتى ۋە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان تارماق پەنلەر كېلىپ چىقتى، مەسىلەن، ئېگىز تاغ فىزىئولوگىيىسى، ھاۋا قاتنىشى فىزىئولوگىيىسى، كائىنات فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالاھىدە مۇھىت فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلار.