UyghurMain Dictionary
گۇئېسدې
دۇنيا تارىخى
(1845 - 1922) ئەسلى ئىسمى ماتىئېئو باسىلې. فرانسىيىلىك سوتسىيالىزمچى، ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. پارىژدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇلۇز <ئەركىن ئالغا گېزىتى>، مۇنپىللىي <ئەركىنلىك گېزىتى> ۋە <خەلق ھوقۇقى گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بۆلۈم كاتىپى بولغان. دائىم ماقالە يېزىپ ئىككىنچى ئىمپېرىيەنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرغان ھەمدە پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنى مەدھىيلىگەن. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شۋېتسارىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. 1876 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ ماركسىزمنى قوبۇل قىلشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئىككىنچى يىلى <باراۋەرلىك گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1879 - يىلماسېلدا ئېچىلغان فرانسىيىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا، ئىشچىلار پارتىيىسى (فرانسىيە سوتىسيالىستىك ئىشىچلار پارتىيىسى ئىتتىپاقى) قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1880 - يىلى لافارگنىڭ ھەمراھلىقىدا لوندونغا بېرىپ، ماركس ۋە ئېنگلېس بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى بىرلىكتە تۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىنچىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. 1893 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم قايتا سايلانغان. 1899 - يىلى مۇستەقىل سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مىللېراننىڭ ئىچكى كابىنتقا كىرىشىگە قارشى تۇرغان. 1901 - يىلى لافارگ بىلەن بىرلىكتە فرانسۇز سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1905 - يىلى ژورېسنىڭ فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، فرانسىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالنىڭ فرانسىيە ياچېيكىسى) بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىللىي شوۋېنزملىق مەيدان قوللانغان ھەمدە <مۇقەددەس ئىتتىپاق> ئىچكى كابېنتىدا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ (1914 - 1916)، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىشلىرىدىن چەتلەپ كەتكەن.