UyghurMain Dictionary
گۇاڭتا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مۇنار گۇاڭجۇدىكى خۇەيشىڭ مەسچىتىدە. قەدىمدە « فەنتا » ( ۋىسسال مۇنارىسى ) دېيىلگەن. بۇيجېڭنىڭ « جۇڭگودىكى ئىسلام بىناكارلىقى » ناملىق كىتابىدا تەتبىق قىلىنىشىچە، بۇ مۇنار تۆۋەندىكى تۆت مەقسەت بىلەن سېلىنغان: (1) كېمىلەرگە يول كۆرسىتىش كۆزدە تۇتۇلغان؛ (2) شامال يۆنىلىشىنى كۆرسىتىش كۆزدە تۇتۇلغان؛ (3) مۇناردا ئەزان ئېيتىش كۆزدە تۇتۇلغان؛ (4) ئىسلام دىنىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، كىشلەرنىڭ ئېتىقادىنى ئويغىتىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ مۇنار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن جەنۇبىي سۇن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. مۇنار يەر ئۈستى قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 35.75 مېتىر كېلىدۇ. بىر قىسمى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن.