UyghurMain Dictionary
گۈلخان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دالىدا ياكى بوش يەردە ئوتۇن، شاخ- شۇمبا، ئوت - چۆپلەردىن يېقىلغان ئوت دۆۋىسى.
كېچىككىنە ئوتتىن لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان گۈلخان ھاسىل بولىدۇ. دالىدا گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا ھېكايە ئېيتىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ بۆلەكچىلا پەيزى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىسسىنىش ياكى يورۇتۇش، بەلگە بېرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئوتۇن سېلىپ ئوچۇقچىلىقتا قالانغان ئوت.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەخەت تۇردىنىڭ تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <ھاياتنىڭ باشلىنىشى>، <دەشتكە باھار كەلدى>، <ئازاد زامانىمدىن ئايلىناي>، <مەرھابا، باغۋەن>، <گۈلخان>، <5000 كىلومېتىر يىراقلىقتا> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<گۈل>
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
گۈلخان، زور كۆلەمدە كۆيگەن ئوت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
گۈلدەك چىرايلىق ئايال.