UyghurMain Dictionary
گۈل چېڭى نەيچىسى
بىئولوگىيە
گۈل چېڭى بىخلىنىپ ھاسىل قىلغان نەيسىمان ماددا، شۇنداقلا سپېرمىنى ئۇرۇقدانغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان قۇرۇلما. گۈل چېڭى ئانىلىق ئاغزى ياكى باشقا مۇۋاپىق مۇھىتقا چۈشكەندىن كېيىن سۇ سۈمۈرۈلۈپ كۆپۈپ مېتابولىزمى جانلىنىدۇ. ئىچكى پوستى بىخلىنىش تۆشۈكىدىن ئۆسۈپ چىقىپ ئۇزىراپ گۈل چېڭى نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە بىر تال گۈل چېڭىدىن بىر تال گۈل چېڭى نەيچىسى ھاسىل بولىدۇ؛ گۈل چېڭى نەيچىسىنى كۆپ ھاسىل قىلىدىغان ياكى گۈل چېڭى نەيچىسى شاخلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بىر تال گۈل چېڭىلا ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گۈل چېڭى ئىچىدىكى ئوزۇقلىنىش يادروسى بىلەن كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (ياكى بىر جۈپ سپېرما) گۈل چېڭى نەيچىسى ئىچىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۇچ قىسمىدا ساقلىنىدۇ. ئىككى ھۈجەيرىلىك گۈل چېڭىنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسى گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ ئىچىدە بۆلۈنۈپ سپېرما ھاسىل قىلىدۇ. گۈل چېڭى نەيچىسى سپېرمىنى ئېلىپ ئانىلىق بوينى ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا كىرىپ ئەڭ - ئاخىرىدا تۆرەلمە تۈگۈنىگە كىرىدۇ - دە، تۆرەلمە خالتىسى ئىچىگە سپېرمىنى قويۇپ بېرىپ ئۇرۇقلىنىدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن سپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ قوشۇلۇشى تاشقى دۇنيادىكى سۇغا تايانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلىشىشى كۈچىيىدۇ. سپېرمىنىڭ ھەرىكەتلىنىش قۇرۇلمىسى (قامچا تۈكى) تەدرىجىي يوقىلىدۇ.