UyghurMain Dictionary
گۈلشىۋاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گۈل + شىۋاق
ئىسىم
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئالدى يۈزى يېشىل، كەينى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى نەيسىمان، رەڭگى سارغۇچ، بىر ئاز سۆسۈن سىزىقلىرى بار، مېۋىسى ئورۇق مېۋە. يول بويى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قان توختىتىش رولىغا ئىگە