UyghurMain Dictionary
گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتمەك، خۇشال بولغان چاغدىكى ھەرىكەتتىن ئېلىنغان.
«ئاغزى يالاقتەك بولۇپ كەتمەك»،«نايناقلاپ كەتمەك» سەلبىي مەنىدە كېلىدۇ.
ئايپاشانىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئەزەم دادىسىنىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئاغزى يالاقتەك بولۇپ كەتتى. نامەت دادىسىدىن پۇل ئالغاندا، خۇشاللىقىدىن نايناقلاپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولماق، خۇشاللىقتىن يايراپ كەتمەك: ناغرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ لېتىپنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.