Chinese→UyghurMain Dictionary
光合色素
Domain: بىئولوگىيەفوتوسىنتېز پىگمېنتى
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ فوتوسىنتېز جەريانىغا قاتنىشىدىغان ھەرخىل پىگمېنت مولېكۇلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۇدا ئېرىمەيدۇ، ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر، ياكى سۇيۇق كىسلاتا، سۇيۇق ئاساستا ئېرىيدۇ؛ ھەر قايسىسىنىڭ سۈمۈرىدىغان ئالاھىدە يورۇقلۇق سپېكترى ۋە تەركىبىدە مېتال ئىئونلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى فوتوسىنتېز جەريانىدا يورۇقلق ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرۈش ۋە ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ، بەزىلىرى ئېلېكترون توشۇغۇچى تەنچە بولىدۇ ياكى بىۋاسىتە يورۇقلۇق رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بەزىلىرى توسۇش رولىنى ئويناپ فوتوسىنتېز ئاپپاراتىنىڭ يورۇلۇق تەسىرىدە ئوكسىدلىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ پىگمېنتلار ئاساسەن خلوروفىل (خلوروفىل a، خلوروفىل b، خلوروفىل c، خلوروفىل d، خلوروفىل e ۋە باكتېرىيە خلوروفىلى)، كاروتىنوئىدلار (ā - كاروتىن، β - كاروتىن، γ - كاروتىن، كىسانتوفىل)، يۈسۈن پىگمېنتى (فىكو ئېكرىتروبلىن، فىكوتسىيان، فىكوفىن، فىتوفلاۋىن) ھەمدە پلاستوسئانىن قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.