Chinese→UyghurMain Dictionary
光合膜
بىئولوگىيە
فوتوسىنتېز پەردىسى
<خالتىسىمان تەنچە پەردىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فوتوسىنتېز جەريانىدىكى ئېلېكترون ئۆتكۈزۈش زەنجىرىنىڭ تۈزۈلۈش سىستېمىسى خالتىسىمان تەنچىنىڭ پەردىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، فوتوسىنتېزنىڭ ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش فۇنكسىيىسى - فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش مۇشۇ پەردىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا بۇ پەردە فوتوسىنتېز پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ خالتىسىمان تەنچە پەردىسى پۈتۈن ھۈجەيرە ئىچىگە يېيىلغان بولىدۇ، ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ خالتىسىمان تەنچە پەردىسى خلوروپلاستنىڭ ئىچىگە توپلىشىدۇ. فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان خالتىسىمان تەنچە پەردىسى قوش قەۋەتلىك ماي مولېكۇلىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ، سۇ خالىمايدۇ، بۇ مايسىمان ماددىلار ئىچىدە قۇتۇپلۇقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان نىئولىپىد ۋە گالاكتولىپىدلار بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە سۇ خالايدىغان ئاقسىل بىلەن بىرىكىدۇ. ئاقسىل مولېكۇلىلىرى ماي مولېكۇلىلىرىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ ياكى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. پەردىنىڭ ئىككى تەرىپى مەيلى تۈزۈلۈش جەھەتتە ياكى بىئوخىمىيىلىك جەھەتتە بولسۇن سىممېترىك بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھىدروگېن ئىئونىنىڭ گرادىئېنتى تىكلىنىدۇ. بەزى خلوروفىل مولېكۇلىلىرى پەردە ئىچىدە ئەركىن يۆتكىلەلەيدۇ. بۇنىڭغا فوتوسىنتېز پەردىسىنىڭ قاتلىنىپ ئاساسىي دانىچىنى ھاسىل قىلىشىنى قوشقاندا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى تۇتۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئۇيۇشۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يىغالايدۇ. بۇنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە نىسبەتەن پايدىسى بار. بۇ خىل قاتلانغان خالتىسىمان تەنچىنىڭ فوتوسىنتېز پەردىسى تۆۋەن كۈچىنىشتىكى ئىئونلۇق ئېرىتمە ئىچىدە تۇرغاندا، قاتلانغان رايون تۈزلىنىپ، فوتوسىنتېز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فوتوسىنتېز پەردىسىنىڭ يۈزىدە كۆپ خىل چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان شەكىل ھەر خىل دانىچىلەر بولىدۇ. چوڭ دانىچىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 12 مىللىمىكرون، كىچىك دانىچىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن سەككىز مىللىمىكرون كېلىدۇ. سىرتقى يۈزىدىكى دانىچە كاربوكسى دىسموتازا (يەنى رىبۇلۇزا - 5.1 - دى فوسفات كاربوكسىلازا) ۋە فوسفاتلىشىش بىلەن بىرىككەن ATP تۈرىدىكى ئېنزىملاردىن ئىبارەت. پەردىنىڭ ئىچكى ماي قەۋىتىنىڭ سىرتقى يۈزىگە جايلاشقان چوڭ دانىچىلەر يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅱ بولسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى پەردىنىڭ سىرتقى ماي قەۋىتىنىڭ ئىچكى يۈزىدىكى كىچىك دانىچىلەر كۆپىنچە يورۇقلۇق سىستېمىسى بىر بولىدۇ.