UyghurMain Dictionary
گوزان ئەدەبىياتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى كاماكۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن موروماچى دەۋرىنىڭ ئاياغلىرىغىچە كيوتودىكى بەش ساڭرام - ئون بۇتخانىدىكى دىيانا راھىبى لىن جىزوڭ تەشەببۇس قىلغان خەنزو يېزىقى ئەدەبىياتى. يۇەن سۇلالىسى راھىبى ئېچيامايىنىڭ (1247 - 1317) قاتارلىقلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان راھىبلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېلىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن خەنزۇ يېزىقى ئەدەبىياتىدا يۇقىرى دولقۇن شەكىللەندى. بۇنى ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: (1) ئالدىنقى دەۋر: كاماكۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن شىمال - جەنۇب سۇلالىلىرىگىچە، يۇكمۇرا تومۇتۇشى، كوكان شېرېن، ناكائىۋايۋەنيۇ ھەمدە ئۇلاردىن سەل كېينكى گىتوشوشىن، تاورمى خەيجۇڭجىن قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكىتىرىگە ئىگە يازغۇچى - شائىرلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبى قۇيۇقراق، مەدھىيە - قەسىدىلىرى دىنىي تۈس ئالغان. (2) ئوتتۇرا دەۋرى: مۇروماچى دەۋرنىڭ باشلىرىدىن ئونىن توپىلىڭىغچە، تائىما كۇجېنشۋەن ئىشۇ دېيەن، شىندېن چىڭبو قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە يازغۇچى - شائىرلىرىدۇر. بۇ دەۋردىكى راھىبلار ئۆزلىرى <راھىبلار ئەدەبىياتى> دەپ ئاتىۋالغان ئەسەلىرىدە ياپون ئۇسلۇبى بار. (3) ئاخىرقى دەۋرى: ئونىن توپىلىڭىدىن كېيىنكى دەۋر. كىسېي لىڭيەن، تەيجى زاڭجۇ، تيەنيىن لۇڭزې قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەدىبلىرى سانىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئەسەرلەرنىڭ بەدىيلىكى ئاشقان بولۇپ، ياپون ئۇسلۇبى كۆپرەك. سۇشى ۋە خۇاڭ تىڭجيەن شېئىرلىرىگە تەقىلد قىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەر زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نەسرىي ئەسەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن جۈپلۈك ئۇسلۇبتا يېزىلغان. شېئىرلار كۆپىنچە يەتتە بوغۇملۇق رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سۇئال - جاۋاب خاراكتىرى كۈچلۈك، شېئىرى مەزمون ئازراق. بۇ ئەدەبىيات ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 يىل ھۆكۈم سۈرۈش بىلەن ياپونىيە خەنزۇ يېزىقى ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ قالغان. شۇنىڭدەك ياپونىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.