UyghurMain Dictionary
گوركى
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1936) سوۋېت ئىتتپاقىلىق يازغۇچى. سوۋېت سوتىسيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچى. ئەسلى ئىسمى ئالىسكسىي ماكسىموۋىچ پېشكوۋ. تۆۋەنكى نوۋگوروددىكى ياغاچچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاران ئىككى يىللا ئوقۇغان. ئون يېشىدىن تارتىپ ئۆزى تىركچىلىك قىلغان. شاگىرت، پرىستان ئىشچىسى، بولكىچى بولۇپ ئىشلىگەن، روسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ دەرت - ئەلەملىرى بىلەن تازا تونۇشقان. 1884 - يىلى قازانغا بېرىپ، ئىلغار ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. ئۆزلۈكىدىن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان. 1899 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <فۇما كوردېيېۋ>، <ئۈچ ئادەم> دېگەن رومانلارنى، <مىشچانلار>، <ئاستىدا>، <دۈشمەن> دېگەن سەھنە ئەسەرلىرىنى، <ئاكالوپ شەھىرى> ۋە <ماتىۋىي كوزىۋىننىڭ ھاياتى> دېگەنگە ئوخشاش پوۋېستلارنى يازغان، ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيە، مىشچانلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ يەنە <لاچىن قۇش قوشىقى>، <بورانقۇش> دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى يېزىپ، ئاممىنى ئىنقىلابىي كۈرەشنى كۈتۈۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 1905 - يىلى روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە پېتېربۇرگدا تۇنجى قېتىم لېنىن بىلەن كۆرۈشكەن. ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1906 - يىلى <ئانا> رومانىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا روسىيىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، ئۇ سوتسىيالىستىك رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر دەپ قارالغان. 1913 - يىلى سەككىز يىلدىن كۆپرەك داۋام قىلغان سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىپ، ئۆز تەرجىمىھالى شەكلىدىكى ترىلوگىيە <بالىلىق دەۋر> ۋە <كىشىلەر ئىشىكىدە> دېگەن ئىككى قىسىمنى پۈتتۈرۈپ، لېنىننىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1934 - سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، قۇرۇلتايدا سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىگە سايلانغان. <مېنىڭ دارىلفۇنۇنۇم>، <ئارتامونوۋلارنىڭ ئىشى>، <كىلىم سامىگىننىڭ ھاياتى> دېگەنگە ئوخشاش رومانلارنى يازغان، شۇنداقلا يەنە ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىي تەنقىد ۋە سىياسىي مۇھاكىمىگە ئائىت نۇرغۇن ماقالە ۋە ئەسلىمە، ئوچېركلارنى يازغان.