UyghurMain Dictionary
گىمملېر
دۇنيا تارىخى
(1900 - 1945) فاشىستلار گېرمانىيىسى ئۇرۇش جىنايەتچىسى. گېستاپونىڭ كاتتىبېشى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1918 - يىلى ھەربىيگە قاتناشقان. كېيىن فاشىستىك يېرىم ھەربىي خاراكتىرلىك تەشكىلات - <گېرمانىيە ئۇرۇش تۇغى> غا قاتناشقان. 1923 - يىلى پىۋىخانا توپىلىڭىغا قاتناشقان. 1925 - يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1929 - يىلى ئېسئېسچىلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلانغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن مەخپىي ساقچى ئىدارىسى (يەنى گېستاپو) نىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا گىتلېرنىڭ رومنىڭ شىترومچى ئەترىتىنى تازىلىشىغا ياردەملەشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسئېسچىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. 1936 - يىلى گېرمانىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى بولۇپ، فاشىستىك ساقچى، ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتلارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلارغا قارشى تۇرغان خەلقلەر بىلەن يەھۇدىيلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغان. 1943 - يىلى ئچكى ئىشلار مىنسىتىرى ۋە ئىمپېرىيە مەمۇرىي ئورگىنى تولۇق ھوقۇقلۇق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىسترى بولۇپ، ھوقۇقى بىرمەزگىل گىتلېردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. فاشىستلار گېرمانىيىسى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، گىتلېرنىڭ ئورنىغا چىقىش كويىدا بولغان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماقچى بولغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن يوشۇرۇن قاچقاندا، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.