UyghurMain Dictionary
گىم
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدىكى چوڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كوچا تەشكىلاتى. ئۆز كوچىسى ۋە شەھەرنى قوغداش، جەمئىيىتىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ئۆز كوچىسىنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپولدا بەيگە قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كوچىنى بىرلىك قىلىپ ئۇيۇشقان تەشكىلاتلارمۇ گىم دەپ ئاتالغان. ھەربىر گىم سېرك مەيدانىدا بىر گۇرۇپپا ئورۇنغا ئىگە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ ۋە ۋەزىرلە ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن تەييارلانغان. پادىشاھ سېرك كۆرۈشكە كەلگەندە، گىم ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى تەدبىرلىرىنى ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ياكى ئەرزىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يول قويۇلغان. بىرمۇنچە گىم يەنە پارتىيە بولۇپ بىرلىشىپ، ھەرقايسى بەيگە ئەترىتىدىكى چەۋەندازلار كىيگەن كىيىمنىڭ رەڭگىنى ئۆزىگە بەلگە قىلىپ، كۆك پارتىيە، يېشىل پارتىيە، قىزىل پارتىيە، ئاق پارتىيە قاتارلىق (<كۆك پارتىيە>، <يېشىل پارتىيە> گە قاراڭ)لارغا بۆلۈنگەن. مىلادى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە، گىم ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.