UyghurMain Dictionary
گىلان جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
ئىراننىڭ گىلان رايونىدا قۇرۇلغان جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت. 1920 - يىلى كۇچىك خان رەھبەرلىكىدىكى گىلان ئورمانلىق قوشۇنى رەشتىنى ئىگىلىگەن. 6 - ئاينىڭ 5 ـ كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە كۇچىك خان باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ۋە ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنى تەشكىللىگەن. ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنى قوغلاپ چىقىرىپ، جان جەمەتى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىراندا جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن كۈچلۈك جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بارلىق تەڭسىز شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىش قاتارلىق سىياسىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە ئىران كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1921 - يىلى 5 - ئايدا ئۆزىنى سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپ جاكارلىغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈچ ئاجىزلاپ كەتكەن، شۇ يىلى 9 - ئايدا كۇچىك خان ئەنگلىيەنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشى بىلەن، ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، كوممۇنىستلارنى قىرغىن قىلغان، ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشى ئارقىسىدا، جۇمھۇرىيەت ئاخىر يىمىرىلگەن.