UyghurMain Dictionary
گىگلى
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1957) ئىتالىيىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى، ئوپېرا ئارتىسى. رېكاناتتا موزدوز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدىلا ئىبادەتخانىدا بالا ناخشىچى بولغان. كېيىن رىم مۇزىكا تېخنىكومىدا ئوقۇغان. 1914 - يىلى پارما مۇزىكا كۆرىكىدە مۇكاپاتلانغان ھەمدە ۋېنېتسىيىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇيۇن قويغان. 1917 - يىلدىن باشلاپ، ئۇزاققىچە ئىسپانىيە، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم ئويۇن قويغان. مۇسسۇلىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن 1954 - يىلى كۈچۈرۈم قىلىنغان. ئاۋازى يۇقىرى ۋە ھېسسىياتقا باي. <ئەسلىمە> دېگەن ئەسىرى بار.