UyghurMain Dictionary
غۇنچە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
غۇنچە:
گۈزەللەر ئاغزى، چىرايلىق، خۇشپىچىم ئېغىز:
1. مىژەڭ چۇن ناۋەكى جاندۇر، داغى تەڭ غۇنچەدىن ئاغزىڭ،
بېلىڭ چۇن خىفچەئى گۇلدۇر، قەدىڭ سەرۋى خىرامانىم.
ئەرشى.
قىزىل گۇل غۇنچەسىن خەندان ئېتەرگە،
يۈزىن سەيىر ئەھلىگە تابان ئېتەرگە.
خىرقەتى.
2. ھەر باغدا ئاچىلغان يوق دەھر ئىچرە سېنىڭدەك گۈل،
ھەم غۇنچە ئېرۇر لەئلىڭ، ھەم ھوققە ئىچىندە مۇل.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېچىلىپ يەتمىگەن گۈل چېچىكى، گۈل تۈگۈنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
بوتانىكا
ئى . تېخى ئېچىلمىغان ياكى بەرگلىرى تېخى يېتىلمىگەن گۈل، گۈل تۈگۈنى.
قىز پىسىڭڭىدە كۈلۈۋېدى، ئۇنىڭ ئالۇچىدەك قىزىل كالپۇكلىرى يېڭى ئېچىلىۋاتقان قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىغا ئوخشاپ كەتتى.
سۈپ. ياش؛ يېڭى.
گۈل دىيارى، غۇنچە قەلبى تۇتاش تومۇر، بۇلبۇل بولۇپ ئۇندىن كەتمەس باھار، جەڭچى.
سۈپ . كۆچمە. چىرايلىق، كېلىشكەن، زىلۋا.
غۇنچە بوي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
غۇنچەم، غۇنچىخان، غۇنچىگۈل، غۇنچىقىز
ئېچىلىۋاتقان گۈل؛ پاك قىز