UyghurMain Dictionary
غۇم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆڭلىدە ساقلانغان چىگىك، ئاداۋەت، گىنا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆچلۈك - دۈشمەنلىك.
كىم ئاداۋەت قىلىچىنى ئالسا قىنىدىن، ئاداۋەت تىغىدا ھالاك بولار. جان چىقار، كەك چىقماس. كىنە يارىسى ئاسان ساقايماس. ئەي ئىنسان، خۇسۇمەتتىن يىراق بول. قورسىقىدا غۇمى بار.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
دەرت، تۈگۈن؛ كىتا، ئاداۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن كىشلەر ئوتتۇرسىدا پەيدا بولغان نارازىلىق، ئاداۋەت؛ تۈگۈن، گىنە.
غۇم ساقلىماق.