UyghurMain Dictionary
غول ئۇچىنى ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكنىڭ غول ئۇچىنى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. غول ئۇچى ئېكتوفىتوزومىسى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، كىچىك بولغاندا غول ئۇچى ئۆسۈش نۇقتىسىنىڭ كىچىك بىر پارچە بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسى، چوڭ بولغاندا، پۈتۈن بىخ بولىدۇ. ئۆستۈرۈش جەريانىدا غول ئۇچى بىۋاسىتە يوپۇرماق چىقىرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ يىلتىز چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولسا، قايتا ئۆسۈپ ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىدۇ. غول ئۇچىنى ئۆستۈرۈش ئاسان ۋە كۆپىيىش كوئېففىتسېنتى چوڭ بولغاچقا، گۈل - گىياھ، مېۋە دەرىخى، دەرەخ، كۆكتات قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى جىنسسىز سىستېما بويىچە تېز كۆپەيتىپ زور مىقداردا پروبىركا مايسىلىرىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. ئادەتتە غول ئۇچىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلاردا ۋىرۇس ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن غول ئۇچىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ۋىرۇسسىز تۈپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ۋىرۇس كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رۇدىمېنتلىشىشتىن بولىدىغان مەھسۇلات كېمىيىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، غول ئۇچىنى ئۆستۈرۈش گۈل بىخىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى، جىنس ئايرىمىسىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى ۋە گۈل ئېچىلىش فىزىئولوگىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.