UyghurMain Dictionary
غول
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك، دارۋازىلارنى ئىچىدىن ئېتىپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم. تىركەك كېرەك، تىرتەك لازىم ئەمەس. تاقاقنى تاقا، خاتىرجەم ئۇخلا. غول ساڭا ئوڭ قول. ئىشىكنى ئاچار، ئارقىغا قاچار، ئۇ نېمە؟ (غورۇ، كىلتاڭ)
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتە چوڭ.
ئاز، كەم
سان، مىقدار جەھەتتىن كىچىك.
ئاز بولسا، ساز بولار. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا. ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار. ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆپ سۆز دېگەن كۈكۈن، ئاز سۆزلىگەن ئالتۇن. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب، ئاز يېگەن كۈندە يەر، جىق يېگەن نېمە يەر. ئازمۇ يېتەر، كۆپمۇ تۈگەر. جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر. تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا. نۇرغۇن يەرلەرنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتقا يەتمەيدىكەن. ئاۋۇن بولسا تۈگەر، كەم بولسا يېتەر. سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئۆستەڭ، دەريا، ئېقىن؛ تەكتى، ئەسلى؛ دۈمبە. مەسىلەن:
ئۇلۇغ _ ئۇلۇغ سۇنى كەچتىم،
يەنە بارمۇ غول.
ئاسان قىلىڭ پەرۋەردىگارىم،
مەن يالغۇز ئوغۇل.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
غول ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسلىق ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى بولۇپ، توشۇش، تىرەش، زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان. يىلتىز تۇپراقتىن سۈمۈرگەن سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلار غول ئارقىلىق يوپۇرماقتىكى «يېشىل زاۋۇت»لارغا يەتكۈزۈلۈپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، يوپۇرماقتىكى فوتوسىنتېز ھاسىلاتلىرىمۇ غول ئارقىلىق ھەرقايسى «ئىسكىلات»لارغا توشۇپ كېلىنىپ زاپاس ساقلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غوللىرى گەرچە خىلمۇخىل بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە بوغۇم ۋە بوغۇم ئارىلىقى بولىدۇ ھەمدە بوغۇملارنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى بىلەن يوپۇرماق ياكى بىخلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. غوللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تىك ئۆسىدۇ، لېكىن ئۈزۈم، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش ياماشقۇچى غول ۋە يەر بېغىرلىغۇچى غوللارمۇ بار.
غوللارنىڭ كۆپىنچىسى سىلىندىر (تۈۋرۈكسىمان) شەكىلدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى ۋە تۇرۇۋاتقان مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئوخشاش ھەجىملىك شەرت ئاستىدا سىلىندىر شەكلىنىڭ سىرتقى يۈزى ئەڭ كىچىك بولىدۇ، سىرتقى يۈزى قانچە كىچىك بولسا پارغا ئايلاندۇرۇش مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇڭا، غولنىڭ بۇ خىل شەكلى (مورفولوگىيىسى)، ئۇنىڭ بوشلۇقتا ئۇزاق مەزگىل ئۆسۈش جەريانىدىكى ماسلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
غوللارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. توغرىسىغا كېسىلگەن ياغاچنىڭ كەسمە يۈزىدىن بەزى قىسمىنىڭ شالاڭ ۋە بوش، رەڭگى سۇسراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ باھاردا ئۆسۈپ شەكىللەنگەن ئەتىيازلىق ماتېرىيال (دەسلەپكى ماتېرىيال) ھېسابلىنىدۇ؛ بەزى قىسمىنىڭ زىچ ۋە چىڭ، رەڭگى قېنىقراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ يازنىڭ ئاخىرلىرى ۋە كۈزنىڭ باشلىرىدا ئۆسۈپ شەكىللەنگەن كۈزلۈك ماتېرىيال (كېيىنكى ماتېرىيال) ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئۆسكەن ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك ماتېرىياللار بىرلىشىپ بىر يۇمىلاق ھالقىنى تۈزىدۇ، مانا بۇ دەل - دەرەخلەرنىڭ يېشىنى خاتىرىلەيدىغان «يىل ھالقىسى»دۇر.
غولنىڭ يەنە بىر رولى غايەت زور دەرەخ تاجىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ھەم يوپۇرماق، گۈل (چېچەك) ۋە مېۋىلەرنىڭ بوشلۇقتا يېيىلىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بۇ فوتوسىنتېز رولىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا، چېچەكلەش ۋە مېۋىلەشكە، ئۇرۇقلارنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق. غولنىڭ ئاساسلىق توقۇلمىلىرىدا يەنە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، يەر ئاستى غول ۋە قىسمەن يەر ئۈستى غوللارنى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
غوللارنىڭ ئىقتىدار (فۇنكسىيە)لىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان شەكلى ئۆزگەرگەن غوللار شەكىللەنگەن. مەسىلەن، نېلۇپەر، بامبۇك قاتارلىقلارنىڭ يىلتىزسىمان غولى؛ باش پىياز، سامساق قاتارلىقلارنىڭ تەڭگىچە غولى؛ بېجىق، سۇ ئوقياسى قاتارلىقلارنىڭ شارسىمان غولى؛ تاتلىق زەنجىۋىل، قۇددۇس ئوت قاتارلىقلارنىڭ تۈگۈنەك غولى؛ توخۇچىڭگىلىكى، ھەشقىپىچەك قاتارلىقلارنىڭ يۆگىمەچ غولى؛ كاۋا،ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ياماشقۇچى غولى؛ تاتلىقياڭيۇ، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنىڭ يەر بېغىرلىغۇچى غولى؛ ھۆرىگۈلنىڭ يوپۇرماقسىمان غولى؛ دولانىنىڭ تىكەنسىمان غولى قاتارلىقلار.
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ئوقىنىڭ يەر ئۈستى قىسمى. ئۇ بوغۇم ۋە بوغۇم ئارىلىقىغا بۆلۈنىدۇ، يوپۇرماق ۋە بىخ بولىدۇ. يوپۇرماق ئۆسىدىغان ئورۇن بوغۇم، ئىككى بوغۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بوغۇم ئارىلىقى بولىدۇ. غولنىڭ چوققىسىدا چوققا بىخ، يوپۇرماق قولتۇقىدا قولتۇق بىخ بولىدۇ. يوپۇرماق تۆكۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن غولىدا يوپۇرماق ئىزى قالىدۇ، بىخ تەڭگىچىسى تۆكۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىى تەڭگىچە ئىزى قالىدۇ. ئادەتتە تىك ئۆسىدۇ. لېكىن يامىشىپ ئۆسۈش، يۆگىشىپ ئۆسۈش، يەر باغىرلاپ ئۆسۈش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىنىڭ دەسلەپكى تۈزۈلۈشىدە ئېپىدرما، قوۋزاق قەۋەت ۋە ئوتتۇرا ئوق بولىدۇ. قاناللار باغلىمى چاقىسىمان تىزىلىدۇ، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدا قوۋزاق قەۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئوق ئېنىق ئايرىلمايدۇ، قاناللار باغلىمى ئاساسىي توقۇلمىغا تارقاق جايلىشىدۇ، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولمايدۇ. غولنىڭ ئاساسلىق رولى ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىغا تىرەك بولۇش، ئوزۇقلۇق ۋە توشۇش ھەمدە زاپاس ساقلاشتىن ئىبارەت. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىنىڭ رولى ئالاھىدىلىشىپ ھەرخىل ھالەت ئۆزگىرىشلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، تۈگۈنەك غول، تەڭگىچە غول، شارچە غول، يىلتىزسىمان غول، يوپۇرماق شاخ، غول بۇرۇتچىسى، غول تىكىنى قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى.ئوڭ مۈرىباشتىن سول مۈرىباشقىچە بولغان ئارىلىق ياكى دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى.
غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن. غولى كەڭ.
بۇ كىشىنىڭ كەڭ كەلگەن غوللىرىغا، يوغان ئاياقلىرىغا قاراپ، بۇرۇن ناھايىتى بەسىتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم.
ئى <بوت> ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ بىر قىسمى. تۆرەلمە بىخنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەنكى قىسمى يىلتىز بىلەنتۇتىشىدۇ، يۇقىرىقى قىسمىدا يۇپۇرماق، گۈل، مېۋە ئۆسىدۇ.
دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار(ماقال).
ئى. بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ باشتىن ئۆسۈپ چىققان ئاساسىي قىسمى.
ئى<ھەرب> قوشۇن ۋە سەپنىڭ مەركىزىي، ئاساسىي قىسمى.
بۇقېتىمقى ئۇرۇشتا، قوشۇننىڭ غولىدا تۇرۇپ جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى كۆرسىتىشتى.
سۈپ. ئومۇمىيلىق ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى مۇھىم، ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىغان؛ ئاساسىي؛ مەركىزىي.
غول ئۆستەڭ. غول ئېرىق.
ئى. ئىككى تاغ ياكى يار ئارىسىدىكى بوشلۇق، چوڭ جىلغا؛ سۇ يولى.
دۈشمەن ئالدىنىپ غول ئىچىگە كىرگەندە، تاغلىقلار تەرەپ - تەرەپتىن توسۇپ زەربە بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كۆپ، جىق، مول.
سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. دىئال
ئۆستەڭ، دەريا، ئېقىن.
تەكشى، ئەسلى.
دۈمبە.