UyghurMain Dictionary
گەپكە قوشۇق سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە سۆز قىستۇرماق، ئورۇنسىز ئارىلاشماق.
كىشىنىڭ سۆزىگە ئورۇنسىز لوقما سېلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. چوڭ كىشىلەر سۆزلەۋاتقاندا، ئېغىز غېرىچلاشتىن ساقلان. خەقنىڭ گېپىگە قوشۇق سالغان گېپىنى تاپالمايدۇ، خاتاسىنى ياپالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇلۇۋاتقان سۆھبەت ياكى ئېيتىلىۋاتقان سۆزنى بۆلۈپ گەپ قىلماقق، گەپكە ئارىلاشماق، گەپ قىستۇرماق، گەپكە لوقما سالماق: - گەپكە قوشۇق سېلىشقا ئەجەبمۇ ئالدىراپ كەتتىڭلار، - دېدى تاجىنساخان