UyghurMain Dictionary
گاررىسون
دۇنيا تارىخى
(1805 - 1879) ئامېرىكىدا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلش تەرەپدارى. مىسسىسىپى شتاتىدىكى ماتروس ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ياغاچچى، باسمىخانا شاگىرتى بولغان. تەخمىنەن 1828 - يىلى نېگىر قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1831 - يىلى بوستوندا <ئازاد قىلغۇچى> ناملىق ھەپتىلىك ژورنالنى چىقىرىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى دەرھال پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان. لېكىن ئەخلاقىي ۋەز - نەسىھەتلىرىگە تايىنىپمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1832 - يىلى يېڭى ئەنگلىيە قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1833 - يىلى ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1843 - 1865 - يىللىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بولغان. فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىقتىن، ئۇ ھەتتا شىمالدىكى ئەركىن شتاتلارنىڭ فېدېراتسىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى، ئالايلۇق، ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىش، ھاراقنى چەكلەش، ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان.