UyghurMain Dictionary
گاردىنېر
دۇنيا تارىخى
(1829 - 1902) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ۋىنچېستېر ئىنىستىتۇتى ۋە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خرىستوس چېركاۋى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىنىستىتۇتى ھازىرقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1891 - يىلىدىن باشلاپ <ئەنگلىيە تارىخى ئوبزورى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. پۈتۈن ھاياتىنى ئەنگلىيەنىڭ 17 - ئەسىر تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىشقا سەرپ قىلغان. <ئوبيېكتىپچىلىق> نى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئىلىم - پەننى پۇختا تەتقىق قىلىپ، ئىپتىدائىي ماتېرىياللارنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلشقا ئەھمىيەت بەرگەن، پارىژ، رىم بريۇسسېل ۋە سىمانكاس قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەرخىل ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققان. ئۇ ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي پروتېستانت ئىنقىلابى دەپ ئاتىغان. پروتىستانتلارنى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دىنى قىزغىنلىق شۇ چاغدىكى ئەنگلىيىدە زور سىياسىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ھېسابلىغان. ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى <1603 - يىلى جامېس Ⅰ نىڭ تەختكە چىققىنىدىن 1642 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغانغا قەدەر بولغان مەزگىلدىكى ئەنگلىيە تارىخى> 01 توم، <1642 -1649 - يىللاردىكى ئەنگلىيە بۈيۈك ئىچكى ئۇرۇش تارىخى>، <1649 - 1660 - يىللاردىكى جۇمھۇرىيەت ۋە ھامى دۆلەت ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى ئەنگلىيە تارىخى> ھەمدە <1625 - 1660 - يىللاردىكى پروتېستانتلار ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي قانۇنشۇناسلىق سىياسىغا ئالاقىدار ھۆججەتلىرى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.