UyghurMain Dictionary
گانا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلدى 300 - يىللار ئەتراپىدا ماندىگو تىل سىستىمىسىدىكى سونىنكېلار قۇرغان. پايتەختى گانا شەھىرى. گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمىنى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە سېنېگال دەرياسى ئېقىمى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۆلىتىدە ئالتۇن كۆپ، شىمالىي ئافرىقا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇرابىتلار بىر مەھەل تاجاۋۇز قىلىپ، گانا شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان، گانا پادىشاھى قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلپان تاپشۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا ئېشىنىشكە مەجبور بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن. 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مالى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.