UyghurMain Dictionary
گامما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
مۇزىكا
بەلگىلىك كۈي شەكلىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئاۋاز يۇقىرىلىقى تەرتىپى بويىچە يۇقىرىغا ياكى تۆۋەنگە قاراپ تىزىلغان بىر گۇرۇپپا ئاۋازلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
فىزىكا
رادىي (Ra) ۋە باشقا بىر قىسىم رادىئو ئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتومى چىقارغان نۇر، يەنى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. تېشىپ ئۆتۈش كۈچى X نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، نەچچە ئون سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. سانائەتتە مېتاللارنىڭ دەز جايىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، تېبابەتچىلىكتە دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئۆسمىنى داۋالاشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.