UyghurMain Dictionary
گاچۇپىنلار
دۇنيا تارىخى
شورالىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېكسىكا مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى يەرلىك خەلقنىڭ شىمالىي ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىسپانلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. دەسلەپ 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار، ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەبىقىسى بولۇپ، يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيلىق رايونىدىكى مەمۇرىي، ھەربىي تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەنسەپلىرىن ئۆتەپ، ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باش ۋالىي رايونى ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان. ئۇلار ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.