UyghurMain Dictionary
گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىر ئائىلە، بىر مەسلەك، بىر نىيەتتىكى كىشىلەر بىر - بىرىنىڭ مەقسىتىنى، غەرىزىنى، قىلغان ئىشلىرىنى بىلىشىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ ماڭا «ھوقۇق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تۇرسا، بۇ ئىشقا بىز ئارىلاشساق ياخشى بولمايدۇ، ئۆزۈڭلار پۈتۈشۈپ بىر تەرەپ قىلارسىلەر» دېدى. قارىغاندا گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ. دېگەندەك سىدىقوفنىڭ تىلى ئۇنىڭغا ئايان ئوخشايدۇ.