UyghurMain Dictionary
گابەيجۇاڭ تەرەپدارلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىخۋانىيە مەزھىپىنىڭ تارمىقى بولۇپ، 1937 - يىلى ئىخۋانىيە مەزھىپى بۆلۈنۈپ، بىر تەرەپكە گابەيخۇاڭدىكى مادېباۋ ئاخۇن (؟ - 1977) باشچىلىق قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. مادېباۋ، مالىن قاتارلىق كىشىلەر 1936 - يىلى ھەج قىلىشقا بارغاندا ئاساسەن، <ئېتىقاد توغرىسىدا سوئال - جاۋابلار> نى يېزىپ چىقىپ، دىندا قۇرئان بويىچە يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ ئەۋلاد (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار) نىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن ئىخۋانىيە مەزھىپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، <سەلەفىيە> نى قۇردى. دەلىللەش ئۇسۇلىدىكى قوبۇل قىلىش ۋە قالدۇرۇۋېتىش پەرقلىق بولغاندىن باشقا، ئەقىدە جەھەتتە سۇگا مەزھىپى بىلەن ئىختىلاپى بولمىدى. قائىدە - يوسۇن جەھەتتە ناماز ئوقۇغاندا ئۈچ قېتىم قۇلاق قېقىپ سۇگا مەزھىپىدىن پەرقلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن تەرەققىي قىلدى. ئادەملىرى ئاساسلىقى گەنسۇدىكى لىنشاغا ۋە شەنشىدىكى بىر قىسىم رايونلارغا تارقالغان.