UyghurMain Dictionary
فىتىرە سەدىقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتتىن ئىلگىرىكى ئىختىيارەن سەدىقىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، روزا ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن پۇلى بارلار ئۆيىدىكى ئۆزىنىڭ ئادەملىرى ۋە مالايلىرىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلاپ، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىگە توغرا كېلىدىغان پۇلنى يوقسۇللارغا سەدىقە بېرىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا 25.1 كىلوگرام بۇغداي ياكى 5.2 كىلوگرام ئارپا ھېسابىدا پۇل بەرگەن. سەدىقە روزىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت ھېسابلىنىدۇ. زاكاتقا ئوخشىمايدۇ.