UyghurMain Dictionary
فىدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تۆلەم پۇل> دېگەنلىك بولىدۇ. (1) <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار مەلۇم دىنىي مەجبۇرىيەتنى (مەسىلەن، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش قاتارلىقلارنى) بەجا كەلتۈرۈشكە نائىلاج بولسا، سەدىقە بېرىش، مال، پۇل بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۇنى تولۇقلىشى لازىم. (2) مۇسۇلمانلاردىكى دەپنە مۇراسىمىنىڭ بىر قىسمى، يەنى گۇناھىنى ساقىت قىلىش شەكلىدۇر. خۇيزۇلاردا فىدىيەنى ئايلاندۇرۇش دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا مىيىت نامىزىدىن ئىلگىرى مىيىتنى دەپنە قىلىشقا ئېلىپ باردىغانلار (جۈملىدىن دىنىي زاتلار) چەمبەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەمنى ساناپ چىققاندىن كېيىن، مىيىت ئىگىسى مەلۇم نەرسىنى چەمبەر بولۇپ تۇرغانلارنىڭ بىرىگە بېرىدۇ. ئۇ ئادەم نەرسىنى ئۆي ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۆي ئىگىسى ئۇنى يەنە بىر ئادەمگە بېرىدۇ. بۇنداق قىلىش بەلگىلىمىدىكى ئېھتىياجلىق ئادەم سانى ۋە ئايلاندۇرۇش سانى توشقىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ نەرسىلەر ئاخۇنلارغا ۋە مېيىت ئۇزاتقۇچىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئۇنداق قىلىنمايدۇ. مىيىت نامىزىدىن كېيىن مىيىت ئىگىسى مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى گۇناھلىرىنىڭ تۆلىمى سۈپىتىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە پۇل ياكى نەرسە - كېرەك بېرىدۇ. بۇ پۇل ۋە نەرسە - كېرەكنىڭ بىر قىسمى ئاخۇنۇمنىڭ قىرائەت ھەققى قىلىنىدۇ.