UyghurMain Dictionary
فرېرون
دۇنيا تارىخى
(1754 - 1802) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى سىياسىي ئەرباب. كاتولىك دىنى مۇرىتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئورنىدا <ئەدەبىيات يىللىق مەجمۇئەسى>نى نەشىر قىلدۇرغان. بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كوردېلىي كلوبىغا قاتنىشىپ، <خەلق ناتىقى گېزىتى>نى چىقىرىپ، مۇنارخىست تۈزۈمىنى قاتتىق سۆككەن. 1791 - يىلى 6 - ئايدا، كورۇل قېچىپ كېتىپ توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشنى چاقىرىق قىلغان، مارس مەيدانى تەلەپ قويۇش ھەرىكىتى، ئونىنچى ئاۋغۇست قوزغىلىڭى ۋە سېنتەبر ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچىلاردىن بىرى بولغان. 1792 - يىلى خەلق ئۇيۇشمىسىغا سايلاپ كىرگۈزۈلۈپ، بىر مەزگىل تاغلىقلار تەرەپتە تۇرغان ھەمدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم سۈپىتىدە، تۇلون ۋە مارسېل قاتارلىق جايلارغا بارغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغاچقان، روبېسپېر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ياكوبىنچىلارغا قارشى تۇرىدىغان <ئالتۇن رەڭلىك ياشلار>نىڭ باشلىقى بولغان. 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18 دىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان. 1801 - يىلى ناپولېئون تەرىپىدىن سان - دومىنگوغا ئەۋەتىلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن.